پاكىستان، پاكىستان كارخانىلىرىنى جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:01

پاكىستاننىڭ پىلان، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مىنىستىرى بەختىيار مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى پايتەخت ئىسلامئاباد مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ھۆكۈمەت، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى سودا مۇنبىرىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، پاكسىتان سودا ساھەسىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە كارىدور تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بەختىيار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پاكسىتان كابىنېتى جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كومىتېتى بۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ، كەسپىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خۇسۇسىي تارماقلارنى كارىدور قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق ، پاكىستاننىڭ سودا قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىشىنى قارار قىلدى.