ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى مەملىكەت دائىرىسىدە خىزمەت ۋە ئوقۇش ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:03

ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاخبارات ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى رودرىگۋېس مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى رايونلىردا توك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ نورماللاشقانلىقىنى، ۋېنېزۇئېلادا مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا خىزمەتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ ، مەكتەپلەردە دەرسنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى، مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردا تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش نورماللاشتى، پايتەخت كاراكاستا تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش %70 رايوندا ئەسلىگە كەلدى. ئۇ خەلقنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېنېرگىيەنى تېجىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.