يېڭى زېلاندىيە يىشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كوچىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:04

يېڭى زېلاندىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى جامېس شياۋ مۇشۇ ئاينىڭ 14 -كۈنى پارلامېنتقا كېتىۋاتقاندا نامەلۇم كشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلاندى، ھۇجۇم قىلغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 14 -كۈنى سائەت سەككىز ئەتراپىدا، جامېس شياۋ يېڭى زېللاندىيە پارلامېنتىغا يىغىنغا كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇم ۋېللىنگتوننىڭ ئاۋات شەھەر رايونىدا يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر جامېس شياۋنى توسۇپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت سېلىپ، بىر كۆزىنى يارلاندۇرغان.