ئېفىيوپىيەنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى دوكلات قىلغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-14 18:05

ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۆزىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئايروپىلان مۇشۇ ئاينىڭ 10 -كۈنى چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى، ئۇچقۇچى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى دوكلات قىلغانلىقىنى ھەمدە قايتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېفىيوپىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بىر ئۇچقۇچى شۇ چاغدا ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى دوكلات قىلىپ، ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئەبېبەگە دەرھال قايتىشنى تەلەپ قىلغان، ئارقىدىن قايتىش ئىجازەتگە ئېرىشكەن.