ترامپ: كىم جۇڭئۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىم «ئىنتايىن ياخشى» دېدى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ بىر-بىرىنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىشىنىڭ 3-قېتىملىق رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇردى.

ترامپ مۇنداق دېدى: مەن كىم جۇڭئۇننىڭ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ياخشى شەخسىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىغا قوشۇلىمەن ھەمدە بۇ خىل مۇناسىۋىتىنى «ئىنتايىن ياخشى»دەپ تەسۋىرلىسە تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.

ترامپ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن كىم جۇڭئۇننىڭ رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، «يېقىن كەلگۈسىدە يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەمدە جازالاش بىكار قىلىنىدىغان چاۋشيەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ».