رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسىنىڭ توختىمىنى ئۇزارتىشتا گۇمان بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:31

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف: «ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى يېڭىدىن ئازايتىش شەرتنامىسى»نى ئۇزارتىش جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن. لېكىن لاۋروفمۇ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ سۆھبەتلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لاۋروف تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتى يىغىنىدا: «ۋاشىنگتون ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش فاڭجېنى»نى يولغا قويدى، «باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى شەرتنامە» يىرتىپ تاشلانغاندىن كېيىن، «ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»مۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى يېڭىدىن قىسقارتىش شەرتنامىسى»دا مەسىلە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن. لاۋروۋ مۇنداق دېدى: بۇ-بۇ شەرتنامىلەرنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان خەلقئارا رېئاللىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېشىپ قالغان ھەربىي كونترول قىلىش مېخانىزمىغىمۇ، يەنى «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»، «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»گە زور بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.