لىۋىيە توقۇنۇشى ئۇدا داۋاملاشتى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-14 17:32

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

4-ئاينىڭ 12-كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق كۈچ «خەلق ئارمىيەسى» پايتەخت تىرىپولىنىڭ شەھەر ئەتراپىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھۆكۈمىتى»گە سادىق ئارمىيەگە داۋاملىق ھۇجۇم قوزغىدى. بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشقان توقۇنۇش ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جەڭ ئاساسلىقى ترىپولى شەھەر مەركىزىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 11 كىلومېتىر كېلىدىغان «ترىپولى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا مەركەزلەشتى، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «خەلق ئارمىيەسى» شۇ كۈنى تىرىپولىدىكى يەنە بىر ئايرودۇرۇم «مىتىگا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»نى بومباردىمان قىلغان، «مىتىگا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» لىۋىيەدە ھازىر يەنە قاتناۋاتقان بىردىنبىر ئايرودۇرۇم ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتە توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئاز دېگەندە 75 ئادەم ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشىدا قازا قىلغان، 323 ئادەم يارىلانغان، 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان.