ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى: ۋېنېسۇئېلا خەلق ئەسكەرلىرى بىر قانچە يىل ئىچىدە 3 مىليونغا كۆپەيتىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-15 17:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو 4-ئاينىڭ 13-كۈنى پايتەخت كارىكاستا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىل ئىچىدە دۆلەت خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنىنىڭ كۆلىمىنى ئاز دېگەندە 3 مىليون كىشىگە كېڭەيتىمىز ھەمدە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى قانۇن جەھەتتىن تەكىتلەيمىز. مادۇرو شۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ۋېنېسۇئېلادا نۆۋەتتە 2 مىليون 199 مىڭ خەلق ئەسكىرى بار، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش. ئۇ، ۋېنسۇئىللا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ « تولۇقلىما قىسمى » بولۇشتەك ئورنىنى تەكىتلەپ، « كەسپىي، ئىلمىي، 21-ئەسىردىكى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان » دۆلەت قوراللىق كۈچلىرى بەرپا قىلىشنى ئۇمىد قىلدى.