كۇبا رەھبىرى: كۇبا ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئەڭ يامان دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-15 17:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

كۇبا دۆلەت كوممۇسارىياتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىگوئېل دىياس كانېل 4-ئاينىڭ 13 -كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى ئەسلىدە مۇستەھكەم بولمىغان كۇبا ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى «ئەڭ ناچار دەرىجە»گە چېكىندۈردى. دىياس كانېل شۇ كۈنى كۇبا 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - قېتىملىق ئالاھىدە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاتالمىش «ئاۋاز دولقۇنى ھۇجۇمى» ۋەقەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مەبلەغ توپلاپ كۇبا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇشنى قوللىغانلىقى ۋە « ھېرمىس - بېرتون قانۇنى» قايتا قوزغىتپ تەھدىت سېلىش قاتارلىقلارنى ئۇسۇللارنى قوللىنىشتىكى مەقستى كۇبانى قامال قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.دىياس كانېل مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بېسىم ئىشلىتىش ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە كۇبانىڭ 3 - دۆلەتنىڭ قەرز پۇل ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.