رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى:جۇڭگو رۇسىيە ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق ئىزدىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-04-15 17:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى « رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتى » نىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىدۇ.لاۋروف مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىقى خەلقئارا مەسىلىلەرنى قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان كۈچلەرگە نىسبەتەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينىدى. لاۋروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسىدە جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىدۇ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق خىرىسقا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ يەنە خەلقئارا خەۋپسىزلىك قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ئورتاق ئىزدىنىدۇ. لاۋروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىۋاتىدۇ، مەسىلەن، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە « ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرلەشمە تەشەببۇسى »، شۇنداقلا « خىمىيە ۋە بىئوتېررورلۇق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.