رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 17:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى5-ئاينىڭ 13-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سوچىدا دۆلەت كوممۇسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.پۇتىن ۋاڭ يىدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى رۇسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى.ئالدىنقى ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى « بىر بەلباغ، بىر يول » تەشەببۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.بىز يەنە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 6-ئايدا رۇسىيەگە كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنى، ھەمدە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشنى تەققازالىق بىلەن كۈتمەكتىمەن.

ئىككى تەرەپ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتۇلۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.زىيارەت مەزگىلىدە، ۋاڭ يى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.