جۇڭگو ۋېنېسۇئېلاغا 2-تۈركۈمدىكى خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 17:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن 2-تۈركۈمدىكى 71 توننا خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملار ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى سىمون بولىۋار خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ ۋېنېسۇئېلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى باۋرۇڭ ۋېنسۇئىللا ھۆكۈمىتىگە دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرىدىن تەركىب تاپقان خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بۇ ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇردى. لى باۋرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملار جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋېسنئۇللا خەلققە بولغان دوستلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.نۆۋەتتە ۋېنېسئۇئېلا ئىقتىسادىدا خەلق تۇرمۇشى ۋاقتىنچە قېيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقىتتا، جۇڭگو تەرەپ ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپ، بۇ بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملارنىڭ تاشقى جازانىڭ، ۋېنسئۇللا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.