پۇتىن پومپىئو بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 5-ئاينىڭ 14-كۈنى رۇسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سوچى شەھىرىدە زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداش، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايون كرىزىسىنى ھەل قىلىش، تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، ئېكولوگىيە ۋە نامراتلىقنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

پومپېئو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە شۇنداقلا بەزى مەسىلىلەردە ھەمكارلاشسا بولىدۇ، بۇ زۇڭتۇڭ ترامپ سىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلغان ئۇچۇر. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.