ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كەسپىي جەمئىيەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتكەنلىكىگە قارشى تۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش سودىگەرلەر بىرلەشمىسى، ئىستېمال تېخنىكا جەمئىيىتى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، پايپاق كەسپى بىرلەشمىسى، دادۇر جەمئىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن كەسپىي جەمئىيەتلەر 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈنى قىممىتى تەخمىنەن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان تاۋارلاردىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىغا قارشى تۇردى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا سۆھبىتىنى تېزدىن نورمال يولغا قايتۇرۇپ كىلىشكە دەۋەت قىلدى.

ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ماتىئو شاي باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئەڭ يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن «بەك چوڭ دو تىكىش»بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشى قوش ئۇتتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىمۇ بالا-قازاغا ئۇچرايدۇ.

ئامېرىكا ئىستېمال تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گارى شاپىرو بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خۇددى ئاق ساراي دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كۇدرو ئېيتقاندەك، تاموژنا بېجى جۇڭگوغا ئەمەس ئامېرىكىلىقلارغا باج قوشۇش بولۇپ، بۇ خىل قانۇن جەھەتتىن «گۇمانلىق» ئۇسۇل بىلەن تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكا ئائىلىلىرى، ئىشچىلىرى ۋە كارخانىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا كىيىم-كېچەك، ئاياغ، پايپاق كەسپى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى رىك خېلفىنباين مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئالدىرىمىغاندا، «ئۇ ئېنىقلا ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا باج قوشۇش بىلەن ئالدىراش بولغان بولىدۇ». بۇ مال باھاسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى، سېتىلىش مىقدارىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل «ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش»قىلمىشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا «ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ».