4-ئايدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 18:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىنى ساقلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشقان.

ئىشلەپچىقىرىشتىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

ئىستېمال جەھەتتە، 4-ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.5 پوئىنت تۆۋەنلىگەن. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، 4-ئايدا بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى كۈن ئاز بولۇش ئامىلى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 4-ئايدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.7 ئېشىپ، ئالدىنقى ئاي بىلەن تەڭلەشكەن.

مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.2 پوئىنت تېزلەشكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم ياخشىلىنىپ، تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 4 مىليون 590 مىڭغا يېتىپ، يىللىق پىلاننىڭ % 42 ى ئورۇنلانغان. 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى % 5 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمەن ئالغاندا، 4-ئايدا خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ھالىتى داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تاشقى مۇھىت يەنىلا مۇرەككەپ، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيدى؛ ئىچكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.