پورتۇگالىيە رەھبىرى ئاۋمېن جۇڭگو قوينىغا قايتقاندىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-05-15 19:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى مارسېلو رېبېلو دېسوسا ۋە زۇڭلىسى ئانتونىيو كوستا يېقىندا ئاۋمېن جۇڭگو قوينىغا قايتقان 20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەمدە ئاۋمېننىڭ پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى.

كوستا مۇنداق دېدى: پورتۇگالىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش پورتۇگالىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم دۆلەت سىياسىتى، ئاۋمېن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئۆزگىچە رول ئوينىماقتا.