رۇمىنىيە خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇڭگو ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ رومىنىيە رەقەملىك ئىقتىساد قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 16:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇمىنىيە خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پېترىسكۇ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگونىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ يۈ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رومىنىيە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پۈتكۈل ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز، جۇڭگو ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ رومىنىيەنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇق.

جياڭ يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە جۇڭگو ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكا كارخانىلىرى رومۇنىيەدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى، ئۇنىڭ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۈسكۈنە سۈپىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى رومۇنىيە بازىرى ۋە ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. رومۇنىيەنىڭ جۇڭگو خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ رومۇنىيەدە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى داۋاملىق ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو-رومىنىيە خەۋەرلىشىش سودا ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئومۇمىيىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.