جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلىردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگەن كۆتۈرەيلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 16:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو - قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا ئېلىپ باردىغان زىيارىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دۇ دېۋېن مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان « بىر بەلباغ، بىر يول » قۇرۇلۇشىنى ئەڭ بالدۇر قوللىغان ھەم پائال قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ھەمكارلىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. بۇ يىل 4 - ئايدا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جىينبىكوف جۇڭگوغا كېلىپ، 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» نى قىرغىزىستاننىڭ «2040-يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.