يېڭى زىللاندىيە ئارمىيەسى 2020-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن ئىراقتىن پۇتۇنلەي چېكىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى جاسىندا ئاردېرىن 6-ئاينىڭ 10 –كۈنى يېڭى زېلاندىيە ئارمىيەسىنىڭ 2020 - يىلى 6 - ئايدىن بۇرۇن ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەڭ يېڭى لايىھەگە ئاساسەن، بۇ يىل 7 - ئايدا ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات ئەتراپىدىكى تاجى ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشلۇق يېڭى زېلاندىيە ھەربىيلىرىنىڭ سانى ھازىرقى 95 تىن 75 كە، 2020-يىلى 1-ئايدا 45 كە چۇشۇدۇ، 2020 - يىلى 6 - ئايدا ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدۇ.