گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماس 6-ئاينىڭ 10 -كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك.

ماس مۇنداق دېدى: ياۋروپا دۆلەتلىرى « سودا ئالاقىسىنى قوللاش قورالى» ئارقىلىق ھىساب بوغۇپ ئىران بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىشنى ھەمدە ئىراننىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىران، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدىغا ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق .

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس.