ياپونىيە: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى كالىتىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى دۇنياغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-11 16:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنى، سودا ۋە رەقەملىك ئىقتىساد مىنىستىرلىرى يىغىنى يېقىندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياپونىيەنىڭ فۇكۇئۇكا شەھىرى ۋە سۇكۇبا شەھىرىدە ئاياقلاشتى، سودا قورۇقچىلىقى دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تېمىلار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئالاقىدار تېمىلار ئۈستىدە توختالغاندا، ياپونىيە «مۇراياما سۆھبىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش جەمئىيتى» نىڭ كېڭەش باشلىقى فۇجىتا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تاموژنا بېجى كالتىكىنى ئوينىتىشى پۈتۈن دۇنياغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ، دۇنيا سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىپ، بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىپ، تېزدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ، ئەقلىي سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك، سۆھبەت بىردىنبىر توغرا تاللاش.