ئىران ئارمىيەسى نېفىت پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:13

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد بەكرى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تېھراندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە جايدا «گرېس1-نومۇرلۇق» نېفىت پاراخوتىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

خەۋەرگە قارىغاندا، بەكرى شۇ كۈنى تېھراندا بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارا سۇ رايونىدا ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئىشى ئىران ئۆتكەن ئايدا ئىراننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈندۇر دېدى.