كورېيە ياپونىيەدىن كورېيەگە قارىتا يولغا قويغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالى ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

7-ئاينىڭ 9-كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتى مال سودىسى كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا، كورېيە ياپونىيەدىن كورېيەگە قارىتا يولغا قويغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالى ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

كورېيە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە يولغا قويغان ئېكسپورتنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياۋى قىممەت زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە يەر شارى كارخانىلىرى ۋە ياپونىيە كارخانىلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئۇسۇلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرى كۈچ چىقىرىپ قوغداۋاتقان ئەركىن ۋە ئادىل سودا روھىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ياپونىيە بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: يېقىندا قوللانغان تەدبىرىمىز سودا ئېمبارگوسى بولماستىن، بەلكى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئېكسپورتنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرىنى قايتىدىن زۆرۈر باھالاشنىڭ نەتىجىسى دېدى.