مېركىل: پەقەت سىياسىي مۇساپە ئارقىلىقلا سۇرىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق دېدى: پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئاساس قىلغان سىياسىي مۇساپە ئارقىلىقلا، سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. سىياسىي مۇساپە سۇرىيە خەلقىگە ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ چىققان سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئەركىن سايلام ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى بەلگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھازىر بۇ مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا. گېرمانىيە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ.