پۇتىن: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىستىقبالى يوق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-10 17:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدە مۇنداق دېدى: يەرشارىلىشىش دەۋرىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىستىقبالى يوق.

پۇتىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينى جازالىشى ھەمدە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى قىسمەن كەسىپلەردە ئوقۇشىنى چەكلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئامېرىكا يەر شارىلىشىش دەۋرىدە بېكىنمىچىلىك قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بىلىم ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى، ئاسىياغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەندەك قىلىدۇ.