رۇسىيە: چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر رۇسىيەدىكى قانۇنسىز نامايىشنى پەيدا قىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ۋاقىتلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندىرى كىلموف 8-ئاينىڭ 11 -كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىگىلىگەن ئۈنۈملۈك ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق جۈملىدىن ۋېدىيودىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تور بېكەتلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ قانۇنسىز يىغىلىشقا قاتنىشىشىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.كلىموف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەزى غەرب تەشكىلاتلىرى ۋە تور شىركىتى ئىگىلىرىنىڭ ياردىمى بولمىسا، بۇ تېخنىكىلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، رۇسىيە بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.