ئەل رايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، يېرىمدىن ئارتۇق ئەنگلىيەلىك جونسۇننىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن دەل ۋاقتىدا ئايرىلىشىنى قوللىغان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە « كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: يېقىندا، ئەنگلىيە كومروس شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك خەلق رايىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان يېرىمدىن ئارتۇق ئەنگلىيە ئاممىسى باش ۋەزىر جونسۇننى قوللاپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %54 كىشى پارلامېنتنىڭ ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەكلىپىنى قوللاپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى %62 كىشىنىڭ قارىشىچە، جونسۇن ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارىشى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىغاندا ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن.