ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت دېگەن قالپاقنى قالايمىقان كىيگۈزۈپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەنپەئەتپەرەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ قىممىتى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلاردىن % 10 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن جۇڭگونى ئاتالمىش « پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت » قاتارىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇ بىر قاتار بىر تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىق ھەرىكىتى ئامېرىكىدا نارازىلىقنى قوزغىدى، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەنپەئەتپەرەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ دېدى.

ئامېرىكىلىق سىياسىي مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بروۋىن بېككېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاق ساراي بېسىم ئىشلىتىپ، قاتمۇقات بېسىم ئىشلىتىپ، كىشىنى سۆھبەتنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ.

بېككېر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىش قاتارلىق خەلقئارا شەرتنامە ۋە ئورگانلاردىن چېكىنىپ چىقىشى قارىماققا بۇ دۇنيادىن چەتنەيدىغان يېگانە سىياسەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە يەر شارى سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلتۈرمەكچى بولغان شەخسىيەتچىلىكتۇر.