مېكسىكا زۇڭتۇڭى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپىس 8-ئاينىڭ 12 -كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكسىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

لوپىس شۇ كۈنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدىكى خەلق سارىيىدا جۇڭگونىڭ مېكسىكىدا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى جۇ چىڭچياۋ تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.لوپىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكسىكا بىلەن جۇڭگو ئۇزاق مۇددەت دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى ساقلاپ كەلدى، دوستلۇق ئاساسى چوڭقۇر، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور.لوپىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مېكسىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، مەمۇرى ئىشلارنى يولغا قويۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش، سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.