ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت قانۇنلۇق كۆچمەنلەرنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 12 - كۈنى قانۇنلۇق كۆچمەنلەرنى چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا ئۇزاق مۇددەت قانۇنلۇق تۇرۇشتىكى ئىقتىسادىي شەرتنى ئۆستۈردى.بۇ بەلگىلىمە بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلغان چەت ئەل پۇقرالىرى بەلگىلەنگەن كىرىم ئۆلچىمىگە يەتمىسە ياكى ئامېرىكىدا تۇرغان ئۈچ يىل ئىچىدە ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئالىدىغان ۋاقتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە، « ئاممىۋى يۈك » دەپ قارىلىدۇ.ئومۇمەن « ئاممىۋى يۈك » بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى بايقالغان چەت ئەل پۇقرالىرى ياكى ئامېرىكىغا كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ، ياكى كۆچمەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەڭشەيدۇ.

بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تالاش - تارتىش كېلىپ چىقتى.بەزى تەنقىدچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېڭى بەلگىلىمە ئاساسلىقى تۆۋەن كىرىملىك كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ قانۇنلۇق كۆچمەنلىرىنىڭ سانى تېز ئازىيىپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا تۆۋەن كىرىملىك كۆچمەنلەرگە ئېھتىياجلىق بولغان تەقدىردىمۇ پاراۋانلىق ئىلتىماس قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ساغلاملىق، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ - خەتىرى ئاشىدۇ.