ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش مۇقىملاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى.باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى.بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىر قاتار « مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇقىم نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

كەچ كىرىشى بىلەن خېبېينىڭ شىجياجۇاڭدىكى قەدىمىي شەھەر جېڭدىڭ قىزىپ كەتتى، ۋۇ تيەنمۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى، ھازىر ئۇ جېڭدىڭدىكى جەنۇبىي شەھەر دەرۋازىسىدا قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىدىغان كىچىك پويىز ھەيدەيدۇ.جېڭدىڭدا ۋۇتيەنگە ئوخشاش مۇقىم كىرىمى يوق شەھەر - بازار ئاھالىلىرى ۋاقىت ۋە نۇقتا بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق خىزمەتچىلەر قاتارىغا كىردى.بۇ شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەرەققىيات پىلانى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىدىن بولۇپ، مۇشۇ بىر تۈردىلا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىڭغا يېقىنلاشتى.بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن ئىشلەنمەكتە.

بۇ يىل چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سورىدى،ئۇ بىر تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان « تېز يەتكۈزگۈچىلەر » نى يوقلاپ، ئۇلارنى « ئەمگەكچان ھەسەل ھەرىسى » دەپ ماختىدى ھەمدە مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

ھازىر مەملىكەت بويىچە « تېز يەتكۈزگۈچىلەر» نىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليوندىن ئاشتى.توردا تاماق زاكاز قىلىش، توردا مال سېتىۋېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۇپا ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى.گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لوڭنەندىن كەلگەن چاڭ باۋخۇڭ بېيجىڭدا تاماق توشۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، ھازىر ھەر كۈنى 40 نەچچە زاكاز تاماقنى يەتكۈزىدۇ.

مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ.بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن% 4.7 ئاشتى.

ۋۇخەندىكى « نۇر جىلغىسى »، خېفىيدىكى « جۇڭگو ئاۋاز جىلغىسى » ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەردىن غەربىي قىسىم ئىچكى قۇرۇقلۇقىغىچە، گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى ۋە ئىلغار تېخنىكىلارنى جۇغلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئارقا - ئارقىدىن جەلپ قىلدى.

ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى داۋاملىق قويۇپ بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كۈچلۈك موتورى قوزغىتىلدى.بۇ يىل دۆلەت ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىدىن 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.يېڭى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش، قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىر قاتار تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەتلىرى ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا 7 مىليون 370 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ % 67 ى ئورۇنلاندى.