2016-يىللىق نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

17-مارت جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى بىرلەشمىسى 2016-يىللىق نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. باھالاشقا قاتناشقان 12 كەسپى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئىچىدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپى ئورگانىك پاسكىنا سۇ ئادسورپىسىيەلەپ تىزگىنلەش ھەمدە بۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش نۇقتىلىق سىناق قىلىش ئورنى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى بىرىكمە ئوغۇت قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى مۇنەۋۋەر، 8 ئورۇن ياخشى، 2 ئورۇن لاياقەتلىك بولۇپ باھالاندى.

بىرلەشمە تەرەپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باھالاشتىن قارىغاندا، كەسىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنىڭ بىر پۈتۈن پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى ۋە تەتقىقات سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى مەنبەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر ساقلاندى، بۇ ئاساسلىقى زور ئەسلى ئىجادىيەت خاراكتېرلىك پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىر قەدەر ئاز بولۇش،بىر قىسىم كەسپى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنىڭ تېخنىكا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى يېتەرسىز بولۇش، پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى باھالاش سانى كەم بولۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.