جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سۇپىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:29

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، موگۇجې، ئېرۋېيخو، يوزەن قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سۇپىلىرى بىلەن كېلىشىپ سۆھبەتلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە كۆزنەكتە يېتەكچىلىك قىلدى، ئايرىم سۇپىلاردا كەڭ ساقلانغان نۇرغۇن پوس سودىگەرلىرى بىر سودا نومۇرىنى ئىشلىتىش ھەمدە چىقىم شىركەتلىرى ياكى بانكىلىرى ئالدى بىلەن پوس ماشىنىسى راسچوت قىلغان پۇل چىقىمىنى مەلۇم شىركەت ياكى شەخسلەرگە بېرىش، ئاندىن ئايرىم-ئايرىم سودىگەرلەرگە بېرىشتەك ئىككى خىل بەلگىلىمىگە خىلاپ شەكىلدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

خېڭفېڭ بانكىسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ ياۋ مۇنداق دېدى: چىقىم ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خېيىم-خەتەرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى تەكشى ئەمەس ھەمدە يۈرۈشلۈك خېيىم-خەتەر كاپالەت تەدبىرلىرى كەمچىل، ئەگەر مۇشۇنداق خېيىم-خەتەرلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا، يوشۇرۇن كىرىزىس بولىدۇ.

كەسىپ ساھەسىدىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇشۇنداق ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى بىردەك يىغىپ، ئاندىن سۇپىدىكى باشقا كارخانىلارغا تارقىتىپ بېرىشتە، ئامانەت پۇل سۇپىدا تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. تۈرلۈك سۇپا سودىگەرلىرى گەرچە پۇل مۇئامىلە ياكى تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولمىسىمۇ، شۇنداقلا چىقىم نومۇرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن پۇل مۇئامىلە بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش زۆرۈر.