ئېلىمىز ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

داۋالاش ئىسلاھاتى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، بۇ يىل ئېلىمىز ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىزىغا چۈشۈرىدۇ. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇشنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار بوشلۇق بوشىتىش، ئورگانلارنى تەڭشەش، تۇتاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ئۈچ يول ئارقىلىق، دورا ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروتىنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى ئىسلاھات قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىلارنى بېقىش پەيدىن-پەي بىر خىل پايدا قوغلىشىش مېخانىزمىغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان داۋالاش ئورگانلىرى كۆپ رېتسېپ يېزىش، كۆپ كىرگۈزۈش، باكتېرىيەگە قارىشى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى ئېغىرلاشتى، داۋالاش ھەققى قىممەت بولۇپ، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. 2009-يىلىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىزچىل تۈردە دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇشنى بىكار قىلىشنى دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىلارنى بېقىش مېخانىزمىنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلدى. ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىكى دورا نىسبىتى 2009-يىلىدىكى %46تىن ھازىرقى %40كە تۆۋەنلەپ، ئاممىنىڭ داۋالاش سېلىقى مەلۇم دەرىجىدە يىنىكلىدى.