جاڭ گاۋلى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر يۈرۈش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش نۇقتىئىنەزەرى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىگە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ شەكلى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك، تەقسىمات تېخىمۇ سەرخىللاشقان، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان باسقۇچقا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە زور يېتەكچى ئەھمىيەت ئىگە بولۇپ جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ يۈزلىنىشىگە يېتەكچى بولىدۇ. بىز يېڭى تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارىنىڭ بىر بىرىگە ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى، ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەپ، مۇقىملىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىنى كۈچەپ گۈللەندۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، يەر شارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.