جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە «خەت» ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادى بايان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:31

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە 2017-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي قانداق بولىدۇ؟ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ دېگەن مەسىلىلەرگە قارىتا ئىقتىسادشۇناسلار بىر خەت ياكى بىر سۆز ئارقىلىق ھۆكۈملىرىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرى كېيىن گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىككى ئىقتىسادشۇناس مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك «بۇرۇلۇش» دېگەن خەتنى يازدى، جۇڭگو ئىقتىسادىدا بۇرۇلۇش ياساشتا ئۈنۈم ھاسىل بولدىمۇ؟

ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيا ئىقتىسادىغا قارىتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشىدا خەۋپ بارمۇ يوق؟ دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسى كېڭىشىنىڭ باشلىقى لى ياڭ ۋە ئىلگىرى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان جۇ مىن «مۇقىم» دېگەن خەتنى يازدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئاستىلاش ئىچىدە مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئىقتىساد ئىلىمى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ ئىككىيلەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتى كۈچىگە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن قارىدى، ھەمدە ئايرىم ئايرىم «ھاياتى كۈچ» ۋە «كىشىنى مەپتۇن قىلىش» دېگەن ئىككى سۆزىنى يازدى.

ئىقتىسادشۇناس لىن يىفۇ: جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھات يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە، دەپ ھېسابلىدى.