شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تارقاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:32

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى» بىلەن «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى» تارقاتتى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا 15-مارت بۇ ئىككى دوكلات توغرىسىدىكى قارار ئايرىم ئايرىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى.

«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا» ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋاللىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ھەمدە بەش جەھەتتىن 2017-يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» دا مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن ھەمدە 2017-يىللىق خىزمەتلەر ئالتە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.