مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:51

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ئىسلاھات لايىھەسى» «ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»، «پىيونېرلار ئەترىتى ئىسلاھات لايىھەسى» رەسمىي بېسىپ تارقىتىلدى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مىليونلىغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ياشلار بىرلەشمىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىلىرى تەشكىلاتلىرى چوقۇم سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىيلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۆز ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز فۇنكىسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ياشلارنى قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللىشى ۋە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك؛ شى جىنپىڭ پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇرچىنى مەھكەم ئېسىدە ساقلاپ، مىليونلىغان ياش ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى ئىسلاھاتى خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە مۇھىم تەستىق سالدى ۋە كۆرسەتمە بەردى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ئىشخانىسى ئالاقىدار ئىسلاھات لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، مەركەز ئىسلاھات ئىشخانىسى كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىپ باھالىدى.