خې لىفېڭ: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنى يەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:52

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ 19-مارت مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىلىق تەلەپ ئېھتىياج تەڭپۇڭسىزلىقى، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ئۆي مۈلۈك كەسپى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىغا دۇچ كەلمەكتە، جەزمەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش چارىسى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى سۈپىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خې لىفېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تەمىنلەش سىستېمىسىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى گەرچە ئىنتايىن زور بولسىمۇ، ئەمما زور كۆپ قىسمى ئوتتۇرا تۆۋەن، تۆۋەن سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىمىزدە ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ مەۋھۇم ئىقتىسادقا يۈزلىنىش ئەھۋالى ساقلانماقتا، نۇرغۇن مەبلەغ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن دەۋرىي ئايلىنىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ خەۋپىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلىتىۋەتتى.