كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئىجارىگە بېرىشتەك قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەيدىغان ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:53

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

بىناكارلىق ئۇستىسى، كەسپى دورىشۇناس قاتارلىق سالاھىيەتكە ئىگىلەر كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئىجارىگە بېرىپ پايدا ئېلىش ھادىسىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:مىنىستىرلىقىمىز كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئىجارىگە بېرىشتىن ئىبارەت قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەشنى قويۇۋېتىش باشقۇرۇش مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىش ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەسىپكە مەسئۇل تارماقلار كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئىجارىگە بېرىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ كەسىپتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى باشقىلارغا بېرىش قىلمىشلىرىنى تۈپتىن تۈزەش لايىھەسىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم.