ئۈستۈنلۈككە ئىگە سۈپەتلىك ئۇرۇق بايلىقىدىن 1000 خىلدىن كۆپرەكى بايقالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:54

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

2014-يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىلەن پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى كۆممە قوناق، دادۇر، شال، بۇغداي قاتارلىق تۆت چوڭ زىرائەتنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق بىرلەشمە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.ئۇرۇقنىڭ نىشانلىق سورتىنى ئۆزگەرتىش، ئېلېمېنتىنى تەكشۈرۈش سەھنىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقتىن 1000 خىلدىن كۆپرەكىنى بايقاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ماشىنا بىلەن ئايرىدىغان كۆممە قوناق دېنى يېڭى سورتى، مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگراممدىن ئاشىدىغان يۇقىرى مەھسۇلاتلىق دادۇر يېڭى سورتىنى يېتىشتۈردى.

سۈپەتلىك ئۇرۇق بىرلەشمە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تەلەپ، خەلقئارادىكى ئۇرۇقلۇق كەسپى پەن تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشتىكى جىددىي تەلەپ، مىللىي ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى تىزلىتىشتىكى رېئال تەلەپ.