بۇلغىمىنى قالايمىقان قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋاللىرى بايقالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-20 16:55

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 15-مارتتىن 18-مارتقىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىلەن 18 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىككى قوشۇلغان 16 نۇقتىلىق شەھەرنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش مەخسۇس تەكشۈرۈشىدىن بۇلغىمىنى قالايمىقان قويۇپ بەرگەن كارخانىلار ياكى كارخانا توپىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە: 16-مارتتىن بۇيان، كۆپلىگەن جايلاردا بۇلغىمىنى قالايمىقان قويۇپ بەرگەن كارخانىلار ياكى كارخانا توپىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى بايقالغانلىقى تەكشۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يەنە قىسمەن كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ياكى بۇلغىما تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى بىنورمال ھەرىكەتلەندۈرۈش، قىسمەن كارخانىلارنىڭ توردىكى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سانلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇش ياكى باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇش، قىسمەن كارخانىلارنىڭ زاۋۇت رايونىدا چاڭ توزان بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار بايقالغان.