ئېلىمىز كۆپ تارماقلارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىدىغان ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19 16:43

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 18-ئاپرېل جۇڭگو ھاۋارايى ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاچقان ھاۋارايىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق ئىلىمىز كۆپ تارماقلارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتقان.
كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو ھاۋارايى ئىدارىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار ئىدارىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمىنى بىرلىشىپ تۈزۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى تېز، توغرا ئېلان قىلىش تېخنىكىسىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپلا قالماستىن يەنە مەملىكەت بويىچە ۋىدىئودا كېڭىشىش مېخانىزمىنى باشلاپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك سىستېما ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.