ليۇ يەندوڭ تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19 16:44

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 18-ئاپرېل ئەنقەرەدە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان، زۇڭلىسى يېلدىرىم بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

ئەردوئان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمەن، تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بىخەتەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

يېلدىرىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، زۇڭتۇڭ ئەردوئاننىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ليۇ يەندوڭ ئەردوئاننىڭ جۇڭگوغا «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كېلىشىنى قارشى ئالدى. ليۇ يەندوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بىرگە مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.