مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىرىنچى پەسىلدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 09:01

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 18-ئاپرېل 2017-يىلى بىرىنچى پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى، 2017-يىلى بىرىنچى پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئەرز شىكايەتتىن 623مىڭ پارچە قېتىم تاپشۇرۇۋالدى، مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 194مىڭنى بىر تەرەپ قىلدى، 38مىڭ پارچە قېتىم خەت ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردى ۋە سۆزلەشتى، 102مىڭغا دېلو تۇرغۇزدى، 85مىڭ كىشىگە چارە كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە 71مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى. چارە كۆرۈلگەن كادىرلارنىڭ دەرىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۆلكە دەرىجىلىك كادىردىن 14كىشىگە،نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 400 نەچچە كىشىگە، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرىدىن 3500دىن كۆپرەك كىشىگە چارە كۆرۈلگەن. بىرىنچى پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى 4 خىل ھالەتتىن پايدىلىنىپ، 179 مىڭ ئادەم قېتىمنى بىر تەرەپ قىلغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلار 92مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىغان بولۇپ، تۆت خىل ھالەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئومۇمىي ئادەم قېتىم سانىنىڭ %51.7نى ئىگىلەيدۇ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازا بېرىلگەن ياكى تەشكىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلار 65مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %36.3نى ئىگىلىگەن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق جازا بېرىلگەن، ۋەزىپىسى زور دەرىجىدە تەڭشەلگەنلەر 12مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %6.4نى ئىگىلىگەن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەنلەر 10مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %5.6نى ئىگىلىگەن.