3-ئايدا 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 09:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

18-ئاپرېل، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2017-يىلى 3-ئايدا 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەردە ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسى ھەققىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 3-ئايدا بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن داۋاملىق چۈشكەن ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 70 شەھەر ئىچىدە 8 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن چۈشكەن، قالغان 62سىدە ئۆرلىگەن.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3-ئاي ئۆي مۈلۈك بازىرى ئەڭ ئاۋات بولىدىغان پەسىل، ئەمما ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، شەھەرگە قاراپ سىياسەت كۆرۈشتىن ئىبارەت ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ رولى ئاستىدا، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 3-ئايدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە نەنجىڭ، خېفېي، شيامېن قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى ۋە ئىككىنچى سەپتىكى قىزىق نۇقتىلىق 15 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، جۇڭيۈەن ئۆي مۈلۈك شىركىتىنىڭ باش ئانالىزچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: ئوخشاش مەزگىلدىكى سانغا سېلىشتۇرغاندا، 2016-يىلى 3-ئايدا بۇ سان بىرقەدەر روشەن ئۆرلىگەن ئىدى، شۇڭا ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ئايدا نىسبەتەن ئازراق تۆۋەنلەش بولدى.

سېلىشتۇرما باھادىن قارىغاندا 3-ئايدا 70چوڭ شەھەرنىڭ 8ئىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلىدى، باشقا 62شەھەردە ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 شەھەردە ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۆرلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆرلەش نىسبىتى تۆۋەنلىدى، باشقىلىرىدا ئۆرلەش نىسبىتى ئاشتى.

3-ئايدا قىسمەن شەھەرلەردە ئۆي باھاسى يەنە ئازراق ئۆرلىدى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيوڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل3-ئايدا بەزى جايلاردا ئۆي باھاسى يەنە ئۆرلىدى، بىز ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى توسۇش، ئۆي ھايانكەشلىكى ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەڭشەپ كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنە كۆپەيتتۇق، چۈنكى يېڭى تەڭشەپ كونترول قىلىش تەدبىرى 17-مارتتىن كېيىن ئارقا ئارقىدىن چىقىرىلدى، ئۇنىڭ ئۆي باھاسى ۋە باشقا ئۆي مۈلۈك جەھەتتىكى كۆرسەتكۈچلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى 4-ئايدا ھەتتا ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا ئاستا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.