خەلقئارا مال تىرانسپورت پويىزى دائىم قاتنايدىغان بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 09:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرىنىڭ لەنجۇ تۆمۈر يولىدىن ئىگىلىشىچە، گەنسۇ، نىڭشيادىن يولغا چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا،جەنۇبىي ئاسىيا خەلقئارا مال تىرانسپورت پويىزلىرى دائىم قاينايدىغان بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە 35 ئى قاتناپ، 46 مىڭ 700 توننا مال توشۇلغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، گەنسۇ، نىڭشيانىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى لەنجۇ تۆمۈر يولى ئىدارىسى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ تيەنما نومۇرلۇق، لەنجۇ نومۇرلۇق قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىيا خەلقئارا مال تىرانسپورت پويىزلىرىنى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان،بېلارۇسىيە، گېرمانىيە، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاتناشقا سالغان.

2014-يىلى 12-دېكابىر تيەنما نومۇرلۇق خەلقئارا مال تىرانسپورت پويىزى گەنسۇدىن قازاقىستاننىڭ ئالماتۇغا يولغا چىقىپ، گەنسۇ، نىڭشيادىن خەلقئارا مال تىرانسپورت پويىزى قاتناشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، ھازىرغىچە تيەنما نومۇرلۇق، لەنجۇ نومۇرلۇق قاتارلىق خەلقئارا مال تىرانسپورت پويىزلىرىدىن 186سى قاتناپ، 278مىڭ 100 توننا مال توشۇلدى، بۇ پويىزلار گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي، لەنجۇ، بەييىن، نىڭشيانىڭ يىنچۈەن، جۇڭۋېي شەھەرلىرىدىن قاتنىدى.