رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىشىغا دائىر ئىككى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 09:42

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسى» ۋە «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىلار)دىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىلار) «بەلگىلىمە»نى ئىزچىل ئىجرا قىلىشى، «چارە»نى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈندىلىك ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىشى ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭى ۋە تەشكىلىي قاراشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «بەلگىلىمە»دىكى تەلەپلەر بويىچە ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەينەن دوكلات قىلىپ، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات (كادىرلار ئىشلىرى) تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «بەلگىلىمە»، «چارە»نى داۋاملىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئەينەن دوكلات قىلمىغان ياكى باشقا مەسىلىلىرى بارلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇنىڭ رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.