«خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 10 جەھەتتىكى قاتتىق مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 09:45

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن: بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يىل 11-ئايغىچە، ئىجرا قىلىشتا پاسسىپلىق قىلىش، تاللاپ ئىجرا قىلىش، قالايمىقان ئىجرا قىلىش، ئىجرا قىلىشتا پاك بولماسلىق، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋالى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىنىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 10 جەھەتتىكى قاتتىق مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»مۇ تەڭلا ئېلان قىلىندى.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىپ، توردا ئىجرا ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش- كونترول قىلىش سىستېمىسى، بىرلەشمە جازالاش سىستېمىسى، قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى، توردا ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىنىۋاتقان دېلو تەرتىپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئادەملەرنى تەكشۈرۈش، ئىسپات تېپىش تەس بولۇش، ئىجرا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، مال-مۈلۈكنى پۇل قىلىش تەس بولۇش، ئىجرا قىلىش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەمما تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا يەپ ئىچىش، تۇتۇپ قېلىش، نەرسە-كېرەك قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا ئىتتىرىش ھادىسىنىڭ پات-پات يۈز بەرگەنلىكى، ئىجرا قىلىشتا پاسسىپ بولۇش، ئىجرا قىلىشنى كەينىگە سۆرەش، قالايمىقان ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ توسۇلمايۋاتقانلىقى ئايان بولدى.

ۋۇ شاۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىپ، قوشۇن تەرتىپكە سېلىنىپ، گۇرۇھلار تازىلىنىپ، قاتتىق پوزىتسىيە، ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بىلەن، قاتتىق تەدبىر قوللىنىلىپ، قېلىپلاشماسلىق قىلمىشلىرى قاتتىق توسۇلۇپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم ئىجرا خادىملىرى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە ئىجرا قىلىشتا پاسسىپ بولۇش، تاللاپ ئىجرا قىلىش، قالايمىقان ئىجرا قىلىش، ئىجرا قىلىشتا پاك بولماسلىق، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىقتىن ئىبارەت ئالتە خىل ئەھۋال مەخسۇس تەرتىپكە سېلىنىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 10 جەھەتتىكى قاتتىق مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»غا ئاساسەن ئۆلچەمدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن پۇلنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، مال-مۈلۈكنى توڭلىتىش ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېلو سىرتىدىكى ئادەمنىڭ مال-مۈلكىنى ئىجرا قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باھالاش، مال-مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نەرسىنى قەرزنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئىجرا قىلىنىدىغان پۇل ۋە نەرسىنى يوشۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش ھەمدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان دېلودىكى پۇلنى كەينىگە سۆرەپ تارقىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنىۋاتقانلار تىزىملىكىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كىرگۈزۈش، تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىش ۋە قالدۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

ۋۇ شاۋجۈن مۇنداق دېدى: دېلو ئىجرا قىلىش داۋامىدا «يەپ ئىچىش، تۇتۇپ قېلىش، نەرسە-كېرەك قوبۇل قىلىش» ياكى دەۋاگەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ھەقنى دەۋاگەرگە تۆلەتكۈزۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ دەۋا دەللالى بولۇش، دېلونى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش ھەمدە خىزمەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرىىڭ خىزمەتچىلىرى يۇقىرى بېسىملىق سىمغا تېگىپلا كەتسە، ئىنتىزام مەسئۇلىيىتى ھەتتا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.