لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 10:31

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باجنى يەنىمۇ ئازايتىش تەدبىرى چىقىرىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، غەيرىتىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى، يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋىي كۇتۇپخانا قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باجنى ئازايتىش كۈچىنى زورايتىپ، داۋاملىق بازار سۇبيىكتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كۈچىنى ئاشۇرۇش ــ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، بۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتى مۇرەككەپ، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاممىۋىي كۈتۈپخانا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ــ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ،پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت ۋە ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇش،جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋىي نادىر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەت مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ. يىغىندا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۈتۈپخانا قانۇنى لايىھەسى» ماقۇللاندى، لايىھەدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى كۈتۈپخانا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى شۇنداقلا ئاممىۋىي كۈتۈپخانا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سىپىرلىق بايلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇنى تور كۈتۈپخانىلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى، يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى، يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.